=== "Hayot so'zlari", "Yaxshi Yangiliklar", "Xushxabar qo'shiqlari" - Kichik tillar O'zbekistonda Gapiriladi / "Gotinên Jiyanê", "Nûçeyên Baş", "Stranên Mizgîniyê" - Zimanên Biçûk Li Ozbekistanê tê axaftin ===
«
»
3gp."ئۇيغۇر- "ئەيسانى تونۇشقا تەكلىپ قىلىش شەخسەن / Uygʻur -“Isoni bilishga taklif Shaxsan".3gp
MP4•Trang chủ episode
Manage episode 341481323 series 3396092
Nội dung được cung cấp bởi Uzbek Words of Life No.2. Tất cả nội dung podcast bao gồm các tập, đồ họa và mô tả podcast đều được Uzbek Words of Life No.2 hoặc đối tác nền tảng podcast của họ tải lên và cung cấp trực tiếp. Nếu bạn cho rằng ai đó đang sử dụng tác phẩm có bản quyền của bạn mà không có sự cho phép của bạn, bạn có thể làm theo quy trình được nêu ở đây https://vi.player.fm/legal.
Uyghur (ئۇيغۇرچە, 维吾尔语, Уйгурский язык) - "Invitation to Know Jesus Personally" .3gp // كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 15 - ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى1قېرىنداشلار، ئىلگىرى مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن، سىلەرمۇ قوبۇل قىلىپ ئېتىقادىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان خۇش خەۋەرنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. 2مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇدانىڭ بۇ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرساڭلار، ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىسىلەر. ئۇنداق بولمىغاندا، بىھۇدە ئېتىقاد قىلغان بولىسىلەر.3-4مەن قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇھىم تەلىمنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. بۇ تەلىم شۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن يېزىلغىنىدەك، ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ دەپنە قىلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا ئۆلۈمدىن تىرىلىپ، 5ئاۋۋال پېترۇسقا، ئاندىن كېيىن ئون ئىككى ئەلچىنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغىمۇ كۆرۈندى. 6كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى. بۇ قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكى تېخى ھايات. 7-8ئەيسا مەسىھ كېيىن ئىنىسى ياقۇپقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئەلچىلەرگە، ئەڭ ئاخىرىدا خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك كۆرۈمسىز بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. 9مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئەلچىمەن ھەمدە خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن. 10لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم. 11دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا ئەلچىلەر بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.
…
continue reading
76 tập